ھەمبەھىرلەش:
بالىلار ئوقۇشلىقى پروگراممىسى توغرىسىدا چۈشەنچە

بۆشۈك مەدەنىيىتى ئەجدادلىرىمىز پەرزەنت تەربىيەلەش جەريانىدا ياراتقان شانلىق مەدەنىيەتتۇر. ئۇ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخى جەريانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئەسىردىن ئەسىرگە ئۇلىشىپ بىزگىچە يېتىپ كەلدى ۋە پەيدىنپەي مۇكەممەللىشىپ كۆزنى چاقنىتىدىغان مىللىي مەدەنىيەت سەمەرىسىگە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، دەۋرنىڭ تەرەققىياتى ۋە تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ بۆشۈككە ۋە بۆشۈكتىن باشلىنىدىغان تەربىيەلەرگە بولغان چۈشىنىشى ئاجىزلاپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ياش ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئەنئەنىدىن ياتلاشمىغان، شۇنداقلا زامانىۋىيلىققا ماسلاشقان ھالدا تەربىيەلەشتە نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. بۇ قېتىم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە قانىلى بىلەن بۆشۈك ئانا - بالىلار كۇلۇبى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ يولغا قويغان بالىلار رەسىملىك كىتابى پروگراممىسى بولسا، رەسىملىك كىتابلارنى پىروگرامما ھالىتىدە سۈرەتكە ئېلىش ئارقىلىق ياش ئاتا - ئانىلارنىڭ ئوماق پەرزەنتلىرىنى تېخىمۇ تالانتلىق قىلىپ تەربىيەلىشىگە ياردەمچى بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىشىنىمىزكى بۇ پروگرامما ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئەتراپلىق بۆشۈك تەربىيەسى بېرىشىدىكى قابىل ياردەمچى، بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشتىكى يەنە بىر ئېسىل قورال بولۇپ قالغۇسى.
كۇلۇب قۇرغۇچىسى ماھىر مىجىتنىڭ تەرجىمھالى:
ماھىر مىجىت 1988 - يىلى 8 - ئايدا بۆرتالا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ 2007 - يىلىدىن 2012 - يىلىغىچە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغان، 2012 - يىلىدىن 2014 - يىلىغىچە 2 يىل ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن، 2014 - يىلىدىن كېيىن بالىلار مائارىپى كەسپى ۋە بالىلار مەھسۇلاتلىرى بويىچە بىر يىل ئىزدەنگەن، بۇ جەرياندا چەت ئەلدىكى بىر قانچە دۆلەتنىڭ بالىلار يەسلىسى ۋە بالىلار مەھسۇلاتلىرى كارخانىسىدا تەجرىبە ئۆگەنگەن. 2016-يىلى 1 – ئايدا بۆشۈك ئانا - بالىلار كۇلۇبىنى قۇرغان.