ھەمبەھىرلەش:
توققۇز تىپ خاراكتېر ئىلمى دەرسى توغرىسىدا چۈشەنچە

توققۇز تىپ خاراكتېر ئىلمى بۇنىڭدىن 2500 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرا شەرىقتە ئەرەبلەر ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن قەدىمىي ئىلىمدۇر. ئەينى زامان كىشىلىرى ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرلىرىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، مۇكەممەلپەرەس تىپ، ساخاۋەتخۇمار تىپ، نىشانپەرەس تىپ، پاجىئەلىك رومانتىك تىپ، كۆزەتكۈچى تىپ، گۇمانخور تىپ، راھەتپەرەس تىپ، غوجا ئاكا تىپ، تىنىچلىقپەرۋەر تىپدىن ئىبارەت توققۇز تىپقا ئايرىغان. ئۇلار يەنە بۇ توققۇز تىپنى توققۇز بۇلۇڭلۇق گرافىك ئارقىلىق تۇتاشتۇرغان ھەمدە چەمبەر ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، چۈشىنىش قولاي بولغان توققۇز تىپ گرافىكىنى ھاسىل قىلغان. توققۇز تىپ خاراكتېر ئىلمىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى كىشىلەرنىڭ ئۆزى ۋە ئۆزگىلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئەڭ پىنھان قىسىملىرىغىچە سىڭىپ كىرىپ، ھەقىقي ئۆزلۈكى، تۈپكى ئارزۇلىرى، يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى قېزىپ چىقىرىشتا، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى تونۇش، ئىجتىمائىي ئالاقە، كارخانە باشقۇرۇش، لايىق تاللاش، تۇرمۇش، نىكاھ، پەرزەنت تەربىيلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ قوللىشى، توققۇز تىپ خاراكتېر ئىلمى بويىچە مۇئەييەن تەجرىبىگە ئىگە ھاۋاگۈل دانىش خانىمنىڭ ئەجىر قىلىشى بىلەن «توققۇز تىپ خاراكتېر ئىلمى» ناملىق ئۇشبۇ ئوچۇق دەرس پروگراممىسى ۋۇجۇتقا چىقتى. بۇ پروگراممىنىڭ ھەر ساھە كۆرۈرمەن دوستلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىشگە تىلەكداشمىز.
قىسقىچە تەرجىمىھالى:
ھاۋاگۈل كېرەم (دانىش) 2006-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتكۈزگەن. 2009-يىلى شىنجاڭ دانىش ئېلانچىلىق چەكلىك شىركىتىنى، 2014-يىلى دانىش كەسپى-تېخنىكا تەربىيلەش مەكتىپى ۋە شىنجاڭ دانىش ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان. ئۇ ھازىر دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك كارخانىچىلارنى تەربىيلەش ئۇستىسى، دۆلەتلىك 3-دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش مەسلىھەتچىسى.

ئەڭ يېڭى سانلار